نۇر گېزىتى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 600 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %70تىن ئاشقان ۋە يىلسېرى يۇقىرى ئۆرلىگەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىمۇ %40 كە يېقىنلاشقان.
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە «بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى ئۇنىۋېرسال يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى لايىھە» نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالغان. ئۇنىڭدا 2030-يىلىغا بارغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %38تىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %60تىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %70تىن تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.