تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان بارماق گىمناستىكىسى

    خەلق تورى خەۋىرى: قول بارمىقىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدار رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزى كىشىلەر قول بارماقلىرىنى «ئىككىنچى چوڭ مېڭە» دەپ ئاتايدۇ. بېيجىڭ خۇيلۇڭگۈەن دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۇڭ چوڭشىڭ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: ئادەم قېرىش جەريانىدا ئىنكاسى ئاستىلاپ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيەلىك ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى مۇتەخەسسىسى سېگاۋا توشىيا باش بارماقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي ياپراقچىسى قاتارلىق رايونلىرىنىڭ قان ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى خالىمىسىڭىز چوڭ مېڭە گىمناستىكىسىنى ئىشلەپ سىناپ بېقىڭ.
    باش بارماقنى ئىگىش
    ئىككى قولنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، باش بارماقنى چىقىرىپ باش بارماقنىڭ بىرىنچى بوغۇمىنى ئاستا-ئاستا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئىگىپ، ئۇدا 10 قېتىم تەكرارلايمىز.
    ئىككى باش بارماقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ چىقىرىش
    ئىككى قولنى ئېچىپ، «بىر» نى سانىغاندا مۇشتنى تۈگىمىز، ئوڭ قولنىڭلا باش بارمىقىنى چىقىرىپ، «ئىككى» نى سانىغاندا ئىككى قولنى ئاچىمىز؛ «بىر» نى سانىغاندا مۇشتنى تۈگۈپ، سول قولنىڭلا باش بارمىقىنى چىقىرىمىز. مانا بۇ ھەرىكەتلەرنى 10 قېتىم ئەتراپىدا تەكرار ئىشلەيمىز. كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى