خەلق تورى خەۋىرى: بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغانلار كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا روشەن «ياشاش ئەۋزەللىكى» نى ھازىرلىغان بولىدىكەن.
يالې داشۆسىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۆتكەنكى 11 يىلدا تەتقىقاتچىلار 50 ياشتىن يۇقىرى 3600 ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئىز قوغلاپ خاتىرىلىگەن. تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدىكەن. %20 تەتقىقات ئوبيېكتى ئىچىدە، دائىم كىتاب ئوقۇيدىغانلار كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نەچچە يۈز بەتلىك كىتاب ئوقۇش جەريانىدا، ئوقۇرمەن ئىزچىل يازغۇچىنىڭ تەپەككۇر يولى، پېرسوناژ ۋە ۋەقەلىك ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، بۇنداق «چوڭقۇر ئوقۇش» قا سەرپ قىلىنغان زېھىن چوڭ مېڭىنى ئىزچىل جانلىق ھالەتتە ساقلايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كىتاب يەنە ئادەمنىڭ «ھېسىداشلىقى، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشى ۋە ھېسسىي تەپەككۇرى» نى ئاشۇرىدىكەن، بۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.