تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەردانىلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جۈن

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كۈندىن–كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قوغدايمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.

   پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. باشتىن–ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، كاللامنى سەگەك، كۆزۈمنى روشەن قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، مەردانىلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

   مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي تولۇق ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىمەن. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى يەنىمۇ ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمەن. ئۆزۈمگە باشتىن–ئاخىر قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

   ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن. ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنى، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، كەڭ ئاممىغا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، شىنجاڭدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى كىشىلەر قەلبىدىن يەنىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمەن. كادىرلار، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى پائال، ياخشى ئىشلەپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئويۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى