تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك جىنايى سۇيىقەستنى قەتئىي تارمار قىلىمەن

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قوشتولغاي بازارلىق توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بۇيىنبات

   ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار كەينى–كەينىدىن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

   مەن خەلق ئوقۇتقۇچىسى، شۇنى ئېنىق بىلىمەنكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بولمايتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى، مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

   ھازىر ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ زور دولقۇنىغا قوشۇلۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە غەزەپ–نەپرەت ياغدۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قازماقتا، بۇ، دەۋرنىڭ ئاكتىپ كۈچى. مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ئاتاكىغا ئۆتۈشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلغان ئاشۇ يولداشلاردىن ئۆگىنىپ، ئەتراپىمدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا، ئائىلەمدىكىلەرگە، قوشنىلىرىمغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.

   مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق زور مەسىلىلەردە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى كەسكىن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئۆزىنى نىقابلىۋالغان ئاشۇ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس پاكىز تازىلايمەن.

    ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، قەتئىي تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، تەشكىلگە سادىق بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

   مەن ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك سۆز–ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى