جۇڭگو كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھەت دالىدا تۈنەش پائالىيىتى نەق مەيدانى.
ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىللىق جۇڭگو كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھەت دالىدا تۈنەش پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تاغقا چىقىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى نۇقتىلىق ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك دالا پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك دالىدا تۈنەش پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى دالىدا تۈنەش پائالىيىتىدە دالا ھەرىكىتى بىلەن ساياھەت ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قاتناشقۇچىلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، دالا ھەرىكىتى پائالىيەتلىرىنى ھېس قىلىپ، «تەنتەربىيە + ساياھەت» نىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلالايدىكەن.