ماتېرىيال سۈرەت
تۇخۇمنىڭمۇ ساقلاش مۇددىتى بار. شەرقىي جەنۇب داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى شيا پىڭبىن «ھاياتلىق ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا تۇخۇم ساقلاشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئەسكەرتتى.
تۇخۇمنى ساقلاشتىن بۇرۇن يۇيۇشقا بولمايدۇ. بەزىلەر تۇخۇم شاكىلى مەينەت، شۇڭا ئاۋۋال يۇيۇپ ئاندىن ساقلاش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش. تۇخۇم شاكىلىدىكى بىر قەۋەت «ئاق قىروۋ» باكتېرىيەلەرنىڭ تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تۇخۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ ساپ تۇرۇشىغا پايدىلىق. تۇخۇمنى يۇيۇپ ساقلىغاندا شاكىلىدىكى «ئاق قىروۋ» چۈشۈپ كېتىپ، باكتېرىيەلەر ھۇجۇم قىلىپ، سۇ تەركىبى پارغا ئايلىنىپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىدۇ. تۇخۇمنى ساقلاشتىن بۇرۇن يۇيماسلىق كېرەك، ئەمما ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
تۇخۇمنى توغرىسىغا قويماسلىق كېرەك. تۇخۇمنى توغرىسىغا قويسا بولمايدۇ، چوقۇم يۇمىلاق بېشىنى ئۈستىگە، ئۇچلۇق بېشىنى ئاستىغا قارىتىپ تىك قويۇش كېرەك. چۈنكى تۇخۇم نەپەس ئالىدۇ، تۇخۇمنىڭ يۇمىلاق بېشىدا ھاۋا كىرىپ-چىقىدىغان يۇمىلاق تۆشۈكچىلەر بار، بۇ تۆشۈكچىلەر تۇخۇمنىڭ «نەپەس ئېلىش»ىنى باشقۇرىدۇ.
تۇخۇمنى ئوراپ ساقلاش كېرەك. ھاۋا ئىسسىق چاغلاردا تۇخۇمنى سوغۇق ساقلاش كېرەك، ئەمما بىۋاسىتە توڭلاتقۇغا سىلىپ ساقلاشقا بولمايدۇ. بۇنداق بولۇشى تۇخۇم شاكىلىدا نۇرغۇن باكتېرىيە بار، بۇ باكتېرىيەلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاستىدا كۆپىيىدۇ. بۇ تۇخۇمنى ساقلاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە توڭلاتقۇدىكى باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ بۇلغايدۇ. تۇخۇمنى توڭلىتىش بۆلمىسىدە ساقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى تۇخۇمنى توڭلاتقاندا تۇخۇم ئاقسىلىنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەمدە تۇخۇم سېرىقى قېتىۋالىدۇ. شۇڭا تۇخۇمنى يېمەكلىك خالتىسى ياكى يېڭى ساقلاش كۇرۇپكىسىغا سېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلمىسىدە ساقلاش كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت
تۇخۇمنى پۇرىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ساقلاشقا بولمايدۇ. غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، شۇڭا تۇخۇمنى بۇ يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇچۇشچان ماددىلار ۋە پۇرىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەر ھاۋا تۆشۈكچىسى ئارقىلىق تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ، تۇخۇمنىڭ سۈپىتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ياكى تۇخۇمدا تېز سۈرئەتتە غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، تېمپېراتۇرا 2~5 سېلسىيە گىرادۇس بولغاندا، تۇخۇمنى ئادەتتە 30 كۈن ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ، قىش پەسلىدە 15 كۈن، ياز پەسلىدە 10 كۈن ساقلاشقا بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىككە بىر قېتىمدا تۇخۇمنى بەك كۆپ سېتىۋالماسلىق تەكلىپىنى بېرىمىز.
ماتېرىيال سۈرەت