تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى 8–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 19–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى 8–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 19–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى  لى گاڭ فوتوسى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 19–كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر مېي شىشيۇڭ). مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى 8–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 19–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    8–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30دا، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

   شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن قوراللىنىش ئارقىلىق قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى قەيسەر قىلىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنى يىلتىزنى ئىزدەپ، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش، ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭچىلىك قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىشتىن قاتتىق باشقۇرۇش، چىڭ تۇتۇش، قاتتىق قول بولۇشقا يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولدى. ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئېرىشىلگەن نەتىجىلەرنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشتە، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاشتا، جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئارمىيەمىزدىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ۋە كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ ئەمەلىي تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىشقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتكومنىڭ بىرتۇتاش كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدىكى باشلىقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەرنى پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قويۇپ، بارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى پارتكوم مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىل كۈچلۈك بولسا، ئارمىيە كۈچلۈك بولىدۇ. تەشكىلىي لۇشيەننى سىياسىي لۇشيەنگە خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ۋەزىپىگە، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە تەشكىلىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى غالىب كېلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى فۇنكسىيەگە ماسلىشىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش ئومۇمىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە–مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تەشكىلنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يۇقىرى قاتلام پارتكوملارنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە تەشكىلىي سىستېمىسىدىكى ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى زور. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى قاتلام پارتكوملار ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەنى پىلانلاش ئىقتىدارىنى، ھەقىقىي جەڭ قىلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى، ئىلمىي باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ توپلاش كېرەك. ئەخلاقتىمۇ، قابىلىيەتتىمۇ تەڭ يېتىشىش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا كېرەكلىك كىشىلەرنى ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق كىشىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارالغانلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشنىڭ 1–سېپىگە ئەۋەتىپ، كۆپ كۈچ كېتىدىغان، مۇھىم ئورۇنلارغا ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرگە قويۇپ قاتتىق چېنىقتۇرۇش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىق. ‹‹ئۈچ بىر گەۋدە›› قىلىنغان يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلار، يېڭىچە جەڭ قىلىش كۈچلىرى جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلار، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتالايدىغان يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئالاقىدار يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلكىي خادىملار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك ۋە چىدامچانلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇشنى 1–ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، باشتىن–ئاخىر قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىغا توختىماي قوغلاپ قاتتىق زەربە بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە، ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، ئۇستاپ–نىزام ۋە قائىدە–تۈزۈم بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى جەزمەن بوشاشماي چىڭ تۇتۇش، يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە تاقەت قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا ئېلىش بىلەن پارا بېرىشنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، ھوقۇقنىڭ ‹‹يولدىن چىقىپ كېتىش››ى، چېكىدىن ئېشىپ كېتىشىگە بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى ۋە مەنبەنى پۇختىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىكنى نىيەتنى توغرىلاپ ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ، ئىنتىزامچان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، پاك ئەمەلدار بولۇشقا يېتەكلەپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتنىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم  شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن–تېخنىكا داشۆسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىقلارنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى ھەم ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.