تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرەيلى

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەلىپى، بىز ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ‹‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ئادەم ئىشلىتىش ئەڭ مۇھىم››. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش ئاچقۇچ. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىدىغان، چىڭ تۇرالايدىغان، يېڭەلەيدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تىرىشچان–ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پاك–دىيانەتلىك›› ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى، مىللىي رايونلارنىڭ ‹‹چوڭ ھەق–چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە روشەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتى ئالاھىدە چىن بولۇش››تىن ئىبارەت ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەۋىلىكىگە، ئەخلاقىغا، ئەمەلىي نەتىجىسىگە، ئاساسىي قاتلامغا، ھەممە ئېتىراپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئادەم ئىشلىتىشتە توغرا يۆنىلىش بېكىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، سايلاپ چىقىلغان كادىرلار تەشكىلنى خاتىرجەم قىلىشى، ئاممىنى رازى قىلىشى، كادىرلارنى قايىل قىلىشى كېرەك.

  سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشتە، خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى بېكىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش كېرەك. كادىرلار خىزمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەم خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ساپا يېتىلدۈرۈش، ئىشنى، ئادەمنى بىلىش، ئۆستۈرۈش–تەيىنلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىجابىي تەرەپتىن رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق سىستېما قۇرۇلۇشى جەھەتتە، تەلەپكە سېلىشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش–ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېمىنى ئېنىقلاپ تولدۇرۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش داۋامىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، سىياسىي ئۆلچەمنىڭ ئۆزگەرمەس پىشاڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك. بىز ھازىر تەكىتلەۋاتقان ‹‹ئەخلاق››لاردا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى سىياسىي ئەخلاق، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا بولغان ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى بېكىتىشتە، تۈزۈم ئارقىلىق ياخشى كادىرلارنى تاللاپ چىقىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى توغرا يۆنىلىشنى بېكىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن بىللە، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆھپە قوشقان ئاشۇ پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، خىزمەتتە قوللاش، تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، روھىي جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. بۇ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە تەشكىلات تارماقلىرى بۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ئىگىلەپ، ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاننى نەزەردە تۇتۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئەقلىي جەھەتتە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ۋەتەننى سۆيۈشكە، تۆھپە قوشۇشقا، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىجاد قىلىشقا ئىرادە باغلىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بايقاش ۋە ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى مەزگىلدىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇمىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ياش كادىرلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى