تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بېلىقنى كۆپ يېيىشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىسى بار

ماتېرىيال سۈرەت

    بېلىق يېيىش ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ تەتقىقاتنى جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىدىكى جياۋ جىڭجىڭ قاتارلىقلار تاماملىغان، تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ 240 مىڭ ئەر ۋە 180 مىڭ ئايال ئۈستىدە ئېلىپ بارغان 16 يىللىق سانلىق مەلۇماتى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بېلىقنى ئەڭ كۆپ يەيدىغان ئەرلەر بىلەن بېلىقنى ئەڭ ئاز يەيدىغان ئەرلەرنى سېلىشتۇرغاندا، بېلىقنى ئەڭ كۆپ يەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپى %9 تۆۋەنلىگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى ئايرىم-ئايرىم %37، %20، %10، %60 تۆۋەنلىگەن. بېلىقنى ئەڭ كۆپ يەيدىغان ئاياللار بىلەن بېلىقنى ئەڭ ئاز يەيدىغان ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، بېلىقنى ئەڭ كۆپ يەيدىغان ئاياللارنىڭ ئۆلۈش خەۋپى %8 تۆۋەنلىگەن، ئالجېمېر كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %38 ۋە %10 تۆۋەنلىگەن.

  ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى بۇ يىل 5-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسى، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ھەپتىدە بىردىن، ئىككى قېتىمغىچە تەركىبىدە ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان دېڭىز بېلىقىلىرىنى يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، دېدى. جېجياڭ داشۆشى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بۇ تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتى ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتىنى تېخىمۇ تولۇق دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى