شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىنىڭ بۇ يىللىق «ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى» دا، 26 ھاجەتخانا ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ باشلىرىدا پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شەھەر مەمۇرىيتى، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىمىگۇ رايونى نەنخۇ خەلق مەيدانىغا جايلاشقان ئىككى ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىغان، باشقا 24 ھاجەتخانىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان.
قۇرۇلۇشقا مەسئۇل خادىم يۈ چاڭچۈننىڭ ئېيتىشىچە، ھاجەتخانىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھاجەتخانا ئىچىدىكى تاملار ئاقلىنىپ، يەرگە قايتىدىن خىش ياتقۇزۇلىدىكەن، لەمپىلەرمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ، قول يۇيىدىغان جايلار يېڭىلىنىدىكەن، ھاجەتخانىنىڭ سىرتىغا رەڭلىك خىشلار چاپلىنىپ، تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈلىدىكەن.