تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىناق ئاكا–ئۇكىلار

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارى مۇخبىرى جوۋپىڭ، گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭچۈنلىن

  ‹‹سىلەر 26 يىل بىللە ياشاپ، 26 يىل ئىسسىق – سوغۇقنى بىللە باشتىن كەچۈرۈپ، 26 يىل بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، چىن قەلبىڭلاردىن ھېسسىيات يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە ئاساسىڭلارنى پۇختا ساقلىدىڭلار، مەن سىلەردىن پەخىرلىنىمەن!››. 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېمىل چارۋىچىلىق مەيدانى توپتال كەنتىدىكى دىلشات ماخانىياز دۆربىلجىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلىۋېزىيە ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ‹‹ئاكىسى›› مەدەت قالىئەكبەرنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 26 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى.

  دىلشات ئۇيغۇر، مەدەت قازاق، مەدەت دىلشاتتىن بىر ياش چوڭ، دىلشات يېقىملىق ھالدا ئۇنى ‹‹ئاكا›› دەپ چاقىرىدۇ.8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مەدەت ئەر – خوتۇن توي قىلغانلىقىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى، دىلشات ئەتىگەندىلا ناھىيە بازىرىدىن كالا گۆشى، كۆكتات، مېۋە سېتىۋېلىپ، ئۆيىدە كاتتا تەييارلىق قىلىپ، مەدەتنى ئۆيىگە چاقىرىپ، بۇ خاتىرە كۈننى بىللە تەبرىكلىمەكچى بولدى.

  ئىككىسىنىڭ دوستلۇقىنى 2014 – يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى مەدەت بۇ كەنتكە كېلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا دىلشات بىلەن تونۇشتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، مەدەت كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىلشاتنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا قاراشتى. دىلشاتمۇ بوش ۋاقتى چىقسىلا كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ مەدەت بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىدىغان بولدى، مۇشۇنداق باردى – كەلدى قىلىپ، ئىككىسى سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى. 2016 – يىلى 10 – ئايدا، ئاپتونوم رايون تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، مەدەت بىلەن دىلشات قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى.

  دىلشات زېھنى ئوچۇق، جاپاغا چىدايدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىدى. ‹‹ئاكىسى›› مەدەت بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسى ئۆسۈپ، غەيرىتى ئاشتى.

  توپتال كەنتىنىڭ يېرى مۇنبەت بولۇپ، كەنتتىكىلەر كۆممىقوناق تېرىشقا ئادەتلەنگەنىدى. 2017 – يىلى دىلشات سېيالكا قاتارلىق دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ يېرىنى تېرىپ بېرىپ پۇل تاپتى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئاخىرلاشقاندا، ئائىلىسىدىكى يەنە بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن يۈك ئالاقىلىشىپ توشۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.

  دىلشاتنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئۆي – ئوچاقلىق بولغانىدى. سەككىز يىل ئىلگىرى، قىزى ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى، دىلشات تېخى يېشىغا توشمىغان قىز نەۋرىسىنى قېشىغا ئەكىلىۋېلىپ، سەككىز يىل باقتى. مەدەت دائىم كىيىم – كېچەك، سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ قىز نەۋرىسىنى يوقلاپ تۇردى، تۇغۇلغان كۈنلىرىدە تورت ئېلىپ كېلىپ، ئانا مېھرىگە قانمىغان بۇ قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  مەدەت ئىككى ئايدا بىر قېتىم سوۋغات ئېلىپ دىلشات ئائىلىسىنى يوقلاپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە يېتىپ – قوپۇپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە ئۆگىنىش قىلدى. دىلشات بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا، مەدەت دائىم بار كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى.دىلشات ياشىنىپ قالغاچقا، ئۇزۇن يولغا قاتناشتىن قىينىلىپ، بۇ يىل 4 – ئايدا ئاپتوموبىلنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئائىلىدە كالا – قوي بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولدى، لېكىن كالا – قوي بورداقچىلىقىغا مەبلەغ كېتەتتى، دىلشاتنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن بېشى قاتتى. مەدەت ‹‹ئۇكىسى››نىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىككىلەنمەيلا مائاش كارتىسىنى رەنىگە قويۇپ ئۇنىڭغا پۇل قەرز ئېلىپ بەردى.

  چىن، سەمىمىي ھېسسىيات ئاكا – ئۇكىلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن، مەدەت ھەر قېتىم دىلشاتنىڭ ئۆيىگە كەلسە ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىشىغا ياردەملەشتى، قىشتا ئۇنىڭ قار تازىلاش، خوچاڭ سېلىش، كالا – قوي بېقىش ئىشلىرىغا ياردەملەشسە، يازدا ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ تاماق ئەتتى، ئىككىسى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى