تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

ياخشى مەكتەپ يېزا بالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا قۇرۇلدى

شەھەر–يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەلا سۈپەتلىك بايلىقتىن ھەمبەھرە بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى غالدىر باشلانغۇچ مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن سۈبىنۇر توختى ئۈرۈمچىدىكى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆتكەن سۈبىنۇر دوختۇر بولۇش ئارزۇسىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقاندەك ھېس قىلدى.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، سۈبىنۇر ئوقۇغان غالدىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىن رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى، بۇ مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاقسۇ شەھەرلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ‹‹يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ››. ‹‹بىز مەكتەپ تاللاپ قاتراپ يۈرمەيدىغان، ئىشىكىمىز ئالدىدا ئوخشاشلا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدۇق››. بۇ، ئاقسۇ شەھىرى ‹‹مائارىپ گۇرۇھى شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش››نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ مائارىپ تەكشى تەرەققىياتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە ماختىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  2016– يىلى ئاقسۇ شەھىرى مائارىپ گۇرۇھىنىڭ شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى يولغا قويدى. پۈتۈن شەھەردىكى 78 مەكتەپنى 16 مائارىپ گۇرۇھىغا كىرگۈزدى. ئاقسۇ شەھەرلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ قاراتال بازىرىدىكى يېزا دەرىجىلىك بەش مەكتەپ بىلەن شەھەر – يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش بويىچە قوشماقلاشتى. ئاقسۇ شەھەرلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ كەنت دەرىجىلىك بەش مەكتەپكە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان 60 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتتى، ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر شەنبە كۈنى مەكتەپتىكى مائارىپ تەتقىقاتىغا ۋە ئوقۇتۇشقا مەسئۇل تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتلىشىپ كەنت دەرىجىلىك مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەشكىللىدى.

  ‹‹ئىدىيەنى يەتكۈزۈش، ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈش، باشقۇرۇشنى يەتكۈزۈش››. ئاقسۇ شەھەرلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۈ شياۋيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ گۇرۇھىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىش قىلىشتا شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گۇرۇھ مەسئۇلى ھوقۇق چەكلىمىسى ئىچىدە گۇرۇھ ئىچىدىكى مەكتەپلەردە خادىم ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ، بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلانسا بولىدۇ.

    ئوخشاشلا سانجى شەھىرىدە يېقىنقى ئىككى يىلدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹سانجى شەھىرىدىكى مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹سانجى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئىتتىپاق بويىچە باغلاپ راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاتارلىق ھۆججەتلەر چىقىرىلىپ، شەھەر – يېزا مەكتەپلىرى ئارا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى. سانجى شەھىرى شەھەر – بازارلاردىكى مەكتەپلەر بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر، ئوقۇتۇشى ياخشى مەكتەپلەر بىلەن ئاجىز مەكتەپلەر قوشماقلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش بىرلەشمە گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈپ، باغلاپ تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى يولغا قويدى.

  ھازىر سانجى شەھىرىدىكى 29 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۈچ ھۆكۈمەت يەسلىسى ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، 11 ئىتتىپاق گەۋدىگە ئايرىلدى. ئىتتىپاقتىكى ئاساسلىق مەكتەپلەر ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئىتتىپاق گەۋدىسى 300گە يېقىن ئوقۇتقۇچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتتى، ئوقۇتۇشى ياخشى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى باغلىنىشلىق مەكتەپلەردە 780 سائەت(قېتىم) لېكسىيە سۆزلىدى، ئۈلگىلىك دەرس ئۆتتى، يېتەكچىلىك دەرسى ئۆتتى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، قوشماقلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئىتتىپاق بويىچە باغلاپ راۋاجلاندۇرۇش ناھىيە ئىچىدىكى شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىدىكى پەرقنى يەنىمۇ كىچىكلىتىپ، ئوقۇتۇشى ياخشى مەكتەپلەر ئاجىز مەكتەپلەرگە تۈرتكە بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 56 ناھىيە(شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، شەھەر – يېزا مەكتەپلىرىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال پەرقى بارغانسېرى كىچىكلىدى، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرق ئاساسلىقى باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ بايلىقى جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بىر قىسىم جايلار ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، مەكتەپلەرنى ئىتتىپاق بويىچە باغلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يېزا بالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى