تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2030 – يىلىغىچە)››، ‹‹شىنجاڭ خوتەن دەرياسى ھەۋزىسى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سۇ – تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى تېزلىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك تەھدىتىنى كۈچەيتىۋەتتى. جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ – تۇپراق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، گۈزەل تاغ – دەريالارنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خوتەن دەرياسى ھازىر تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان بىردىنبىر دەريا، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يېشىل كارىدور. جايلار، تارماقلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەۋزىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقى ۋە سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ھەۋزىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خوتەن دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۇپراق بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىق، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. جايلار، تارماقلار مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت تەلىپى بويىچە، تۇپراق مۇھىتى سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەۋقە قىلىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ مۇھىت بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، رايون تۇپراق مۇھىتى سۈپىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، تۇپراق بايلىقىدىن مەڭگۈ، سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى