تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ھۆرىيەت ئوسمان

  مەن پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ئاتا–ئانام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ماڭا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىزچىل ئۈلگە بولۇپ كەلدى، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

  ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولغان مېنىڭ ساداقەتمەنلىك قەسىمىمدۇر. 2016–يىلى ئۆزۈمنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، تەشكىلنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتىم. بىر يىللىق كەنت تۇرمۇشى جەريانىدا، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم. بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ تىنچ، خاتىرجەم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2017–يىلى مەن تەشكىلگە كەنتتە يەنە بىر يىل تۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، ئۆزۈمگە ئاساسىي قاتلامدا ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن داۋاملىق كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كۈچ قوشتۇم.

  نۇرغۇن كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئوت ئېچىپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئىنتىلىشىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بولغان ئۆچمەنلىكىنى، شۇنداقلا زوراۋانلىق–تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

  قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، مەن دۆلەت بولغاندىلا ئائىلىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، دۆلەت قۇدرەت تاپقاندىلا خەلقنىڭ خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن. مەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە، ئېتىقادىم، بەختلىك تۇرمۇشۇمنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە زىچ باغلاپ، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ ئۈلگە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم بولىمەن. مەن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئەزاسىغا خاس ئۆلچەم بىلەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاكتىپ قوغداپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، قەتئىي تۈردە مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچان–ئەمەلىيەتچىل، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى بولىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە، تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. ئاساسىي قاتلامغا تۆھپە قوشۇشنى ئاڭلىق ھالدا ئۆز خىزمىتىم دەپ بىلىپ، كۆڭلۈمنى توختىتىپ، بارلىقىمنى بېغىشلاپ، يىلتىز تارتىپ، خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارىشىمنى، پوزىتسىيەمنى، مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا، قانۇنغا، سىياسەتكە، تارىخقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىباب تىل بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سادايىمنى ياڭرىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى