تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، بەخت ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىما

  مەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا تۇغۇلغان، بۇ بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە. بىز ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ياشاپ، خۇشال تۇرمۇش كەچۈرىمىز. بىز ھەممىمىز شۇنى ئېنىق بىلىپ يەتتۇقكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت، مىللەتلەر زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا، خاتىرجەم ياشىيالايمىز، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، ئىناق، خاتىرجەم قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

  پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا كۈچ قوشۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەشۋىقات – يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، كادىرلارنى تەشكىللەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئالىمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى، شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ى ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىز قوينىدا ئورتاق كۈرەش قىلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› سادىر قىلغان چېكىدىن ئاشقان جىنايەتنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ مۇقەررەر ھالدا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى، چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن.

  مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولىدىغانلار بىلەن كۆپرەك دوستلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ناچار خاھىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن.

  مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىمەن؛ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەۋپ – خەتەر ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن؛ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاك – پاكىز تازىلايمەن؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى