تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى

  ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە پۇختا چىڭ تۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم ئىختىساسلىق بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دېدى. بۇ مۇھىم بايان پارتىيەمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا قوشۇلغان ئىجادىي تۆھپە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ھەم نەزەرىيەۋىلىككە، ھەم ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت بولغان ‹‹تۇتقا›› ۋە ‹‹ئاساس››. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، مۇھىمى پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈچىنى پۇختا مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشقان، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››ىنى چىڭىتىپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشتا، مۇھىمى سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزگە بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىيدا سادىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىشى؛ سىياسىي ئېتىقادنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى؛ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى ‹‹سىنتاش›› قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار زور سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدىمىنى بىردەك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇشى؛ بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلىرىمىز بىلەن يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىز تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى