تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇزنىڭ تۇرمۇشتىكى 17 خىل رولى (2)

    قاڭسىق پۇراقلارنى يوقىتىش
   ئاچچىق كاۋا، تۇرۇب قاتارلىق كۆكتاتلارنى قايناق سۇغا باسقاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە قاڭسىق پۇراق يوقاپ، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

    پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى يۇمشاق پىشۇرۇش
    پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى پىشۇرىدىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ كەتسىلا قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر پىشۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاز مىقداردا تۇز سېلىۋەتسە، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ غەيرى پۇرىقى يوقاپ، يۇمشاق پىشىدۇ.

    كىيىمنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    ئوچۇق رەڭلىك كىيىمنى يۇيغاندا كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە كىيىم رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ماي، ھاراق دېغىنى چىقىرىش
    ماي ۋە ھاراق دېغى بار كىيىم ياكى بۇيۇمنى ئاۋۋال تۇز سۈيىگە 20 مىنۇت چىلاپ يۇيسا داغلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

    دەزمال تازىلاش
    ماينى سۈمۈرۈش قەغىزىگە بىر قەۋەت تۇز سېپىپ ئارقىدىن دەزمالنىڭ سۇ پۈركۈگۈچىنى ئېچىپ، دەزمالدىكى داغلارنى بىر نەچچە مىنۇت سۈرتكەندە دەزمال يېڭى ھالەتكە قايتىدۇ.

    ئىستاكاندىكى چاي دېغىنى تازىلاش
    ئىستاكان يۇيغاندا ئىستاكانغا تۇز سۈيى قۇيۇپ ئازراق تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە، داغلار تولۇق چىقىپ كېتىدۇ.

    لۆڭگىنى يۇمشىتىش
    لۆڭگىنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە قاتتىقلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا لۆڭگىنى تۇز سۈيى بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بەرسە لۆڭگە يۇمشاق ھالەتكە كېلىدۇ.

    قول يۇيۇش كۆلچىنى راۋانلاشتۇرۇش
    قول يۇيۇش كۆلچىكى توسۇلۇپ قالسا ئازراق تۇز بىلەن بىر ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ كۆلچەكنى راۋانلاشتۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى