تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇزنىڭ تۇرمۇشتىكى 17 خىل رولى (1)

    مكروبنى يوقىتىش
    چىش پاستىسىغا ئازراق تۇز قوشۇپ چىش چوتكىلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى چىش كىرى بىلەن مكروبلار تازىلىنىدۇ.

    چاچ چۈشۈشنى يىنىكلىتىش
    تۇز بىلەن چاچ يۇيغاندا چاچ چۈشۈش مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ.

    گال ئاغرىشنى پەسەيتىش
    گال بىئارام بولغاندا ئازراق تۇز قوشۇلغان سۇ ئىچكەندە گال قىچىشىش، ئىششىپ ئاغرىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

    چۆپنىڭ مىچىلداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    چۆپ پىشۇرغاندا سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسەك، چۆپنىڭ مىچىلداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    مېۋىنىڭ ئوكسىدلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    مېۋىنى ۋاقىتىدا يېمىسە ئوكسىدلىنىپ قالىدۇ. مېۋىنى تۇز سېلىنغان سۇغا چىلاپ قويساق مېۋىنىڭ ئوكسدىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە يېڭى ساقلايدۇ.

    ماي چاچراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    قازانغا ماي قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئازراق تۇز سېلىۋەتسە، ماي قىزىغاندا ئادەمگە چاچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    خۇرۇچ ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    سۈتكە ئاز مىقداردار تۇز قوشۇۋەتسە، ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.

    توڭنى تېز سۈرئەتتە ئېرىتىش
    توڭلىتىلغان گۆشكە ئازراق تۇز سەپكەندە، تېزلا ئېرىيدۇ.

    بېلىق قاسرىقىنى تېز تازىلاش
    بېلىقنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويغاندا قاسرىقىنى ئوڭاي تازىلىغىلى بولىدۇ، داغلاپ پىشۇرغاندا ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ. بېلىقنى كېسىپ پارچىلىغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە بېلىقنىڭ سىيرىلىپ قولدا تۇرماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى