تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

رېئودې ژانېيرودا «تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو چايچى دېھقانلىرى برازىلىيەدىكى خاتىرە تېشى ئالدىغا يېتىپ كەلدى» باش تېمىسىدىكى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: برازىلىيەنىڭ تۇنجى «جۇڭگو كۆچمەنلەر كۈنى» نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ رېئودې ژانېيرودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بىلەن رېئودې ژانېيرو ئۆسۈملۈك باغچىسى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلىكتە «تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو چايچى دېھقانلىرى برازىلىيەدىكى خاتىرە تېشى ئالدىغا يېتىپ كەلدى»  تېمىسىدىكى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ خاتىرە تېشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ جۇڭگو-برازىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە دوستلۇقىنى چۈشىنىشى ۋە ئەستە ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ يىل 6-ئايدا، برازىلىيە زۇڭتۇڭى زوئېتېرمېر رەسمىي پەرمان ئىمزالاپ، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى «جۇڭگو كۆچمەنلەر كۈنى» قىلىپ تەسىس قىلغان.

جۇڭگونىڭ رېئودې ژانېيرودىكى باش كونسۇلى لى ياڭ (ئوڭدا) بىلەن رېئودې ژانېيرو ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ باشلىقى سېرگىئو بېسسىرمان (ئوتتۇرىدا) 8-ئاينىڭ 15-كۈنى برازىلىيەنىڭ رېئودې ژانېيرو شەھىرىدىكى ئۆسۈملۈك باغچىسىدا يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.  (مۇخبىر لى مىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى