تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر ئاتموسفېراسىدىن تۇنجى قېتىم تۆمۈر بايقالدى

ماتېرىيال سۈرەت

  ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى 8-ئاينىڭ 15- كۈنى سەييارە پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان: ئاسترونوملار «قاتتىق قىزىۋاتقان» قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى KELT-9b ناملىق سەييارە ئاتموسفېراسىدىن تۆمۈر بىلەن تىتان ماددىسىنى بايقىغان. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر ئاتموسفېراسىدىن تۇنجى قېتىم تۆمۈرنىڭ بايقىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  KELT-9b ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مىسال، ئۇ بىر سەييارە بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر دەل «قىزىش» ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قاراڭغۇ يۇلتۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش. بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ ئاساسىي يۇلتۇزغا بەكرەك يېقىن بولغانلىقىدىندۇر، كۈچلۈك رادىياتسىيە ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى ئىنتايىن يۇقىرى قىلىۋەتكەن، ھەتتاكى ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋەتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، KELT-9b ناملىق سەييارە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يۇپىتېر تۈرىدىكى سەييارە، بۇ تۈردىكى سەييارىلەر تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە گاز ھالەتتىكى چوڭ سەييارىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ئاسمان جىسىملىرىدۇر، ئاسترونوملار بۇنىڭدىن ئىلگىرى KELT-9b ناملىق سەييارىنىڭ ئاتموسفېراسىدا بۇلۇت يوق، دەپ مۆلچەرلىگەن. تۆمۈر گەرچە ئەڭ يۇقىرى موللۇقتىكى ئۆتكۈنچى مېتال ئېلېمېنتى بولسىمۇ، ئەمما ئوتقا چىدامچانلىقى نىسبەتەن ياخشى بولغاچقا، ئاسترونوملار ئەزەلدىن قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىلەر ئاتموسفېراسىدىن تۆمۈرنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ باقمىغان. بىراق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئاتموسفېرادىكى تۆمۈر ۋە باشقا ئۆتكۈنچى مېتاللار بىرىكمە مولېكۇلىلىق ياكى بۇلۇتلۇق زەررىچە شەكلىدە ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاتوم شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئاسترونوملار بۇ ئارقىلىق KELT-9b ناملىق سەييارىنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئوپتىكىلىق دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى ئىسپېكتىر سىزىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

  بۇ قېتىم شىۋېيتسارىيە بېرن داشۆسى تەتقىقاتچىسى يېنس خويمېكس ۋە كېۋېن ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىسپانىيە كانارى تاقىم ئارىلىنىڭ لاپالما ئارىلىدىكى دۆلەتلىك گالىلېي تېلېسكوپىغا قاچىلانغان شىمالدا يۇقىرى ئېنىقلىقتا رادىيال تېزلىكتىكى سەييارىنى ئىزدىگۈچى ( HARPS-N) ئىسپېكتىروسكوپ ئارقىلىق 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچكىچە KELT-9b ناملىق سەييارىنىڭ يۇقىرى پەرقلىقتىكى نۇر ئىسپېكتىرى ئىچىدىكى مېتال ئېلېمېنتلار ئىسپېكتىر سىزىقىنى پەرقلەندۈرگەن.

  تەتقىقاتچىلار كوللېكتىپى KELT-9b ناملىق سەييارىنىڭ ئانا يۇلتۇز ئالدىدىن ئۆتكەن چاغدىكى سانلىق مەلۇماتىنى يىغىش ھەمدە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، نېيترال تۆمۈر ئاتومى ۋە بىر قېتىم ئىيونلانغان تۆمۈر ھەمدە بىر قېتىم ئىيونلانغان تىتاننى تەكشۈرۈپ چىققان.

  تەتقىقاتچىلار يەنە KELT-9b ناملىق سەييارە ئاتموسفېراسى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 4000 كېلۋىن گىرادۇس (3726.85 سېلسىيە گىرادۇس) تىن ئېشىپ كەتتى، دەپ قارىغان. بۇ قېتىملىق بايقاش ھەمدە بۇ سەييارىنىڭ ھالىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چۈشىنىشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى