يەر شارى تورى خەۋىرى. چەت ئەل تاراتقۇسى unwireنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا Fearless Toy شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتى بولغان ئېلېكتىرونلۇق نۇر LIMBO ئۈچۈن پۇل غەملىگەن بولۇپ، غەملىگەن پۇلى 670 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۇر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۇدا 27 سائەت 9 مىنۇت 24 سېكۇنت پىرقىرايدىغان بولۇپ، جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
ئىگىلىنىشىچە، LIMBOنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى نۇر بىلەن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىراق «پىرقىراش كۈچى» كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. LIMBO پىرقىرىغاندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەيدىكەن. LIMBO نىڭ ماتېرىيالىغا قاراپ باھاسىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئاليۇمىندا ياسالغىنى 59 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 400 يۈەن)، تىتاندا ياسالغىنى 149 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1000 يۈەن) ئىكەن.