تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كېسەل داۋالاش رولى بار يېمەكلىكلەر

    ئەگەر زۇكامداپ قالسىڭىز، ياكى ئۇيقۇسىزلىق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بولسىڭىز، بۇنىڭ دورىسى دورىخانىدا ئەمەس، بەلكىم توڭلاتقۇيىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ MSN ساغلاملىق تورىدا داۋالاش رولى بار 11 خىل يېمەكلىك رېتسېپى يىغىنچاقلانغان، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

    بىرىنچى، قېتىق زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىنى ياخشىلايدۇ. يېقىندىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قېتىق تەركىبىدىكى ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغى پەيدا قىلغان بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يېنىكلىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، قېتىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ئۇ باشقا دورىلارغا ئوخشاش ئۇيقۇ باستۇرمايدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئىككىنچى، نيۇيوۋگو مېۋىسى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى نيۇيوۋگو مېۋىسى يېيىشتۇر. «ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى جەمئىيىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نيۇيوۋگو مېۋىسىنى ئۇدا بەش ھەپتە يېگەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قاندىكى خولېستېرىن سەۋىيەسى %13 تۆۋەنلىگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۈچىنچى، تۇخۇم دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەپتىدە تۆت دانە تۇخۇم يېگەندە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ. «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇم يەيدىغان ئەرلەرنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۇخۇم يېمەيدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا %38 تۆۋەن بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  تۆتىنچى، ئىككى قوشۇق ھەسەل يۆتەل توختىتىدۇ. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق داشۆنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى قوشۇق ھەسەلنىڭ بالىلاردىكى يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى ھەتتا غەيرىي رېتسېپلىق يۆتەلنى توختىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈمىدىنمۇ ياخشى ئىكەن، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتلىق چېف ئامبولاتۇرىيەسىنىڭ باشلىقى، دوكتور يوھان لاپما مۇنداق دېدى: ھەسەلنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپلىقى ۋە باكتېرىيەگە قارشى خۇسۇسىيىتى يۇتقۇنچاقنىڭ ياللۇغلىنىشىنى پەسەيتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  بەشىنچى، قۇرۇتۇلغان ئالۇچا سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتلىق داشۆنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، قۇرۇتۇلغان ئالۇچا يەپ بەرسە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

  ئالتىنچى، ئېچىتقۇ ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنى چۈشۈرىدۇ. ئېچىتقۇ تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددا خىروم ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇلارنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. «مېدىتسىنا ۋە بىيولوگىيەدىكى مىكرو ئېلېمېنتلار ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئېچىتقۇ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئېچىتقۇ تەركىبىدىكى خىروم ئۇلارنىڭ ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنى روشەن دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  يەتتىنچى، توخۇ گۆشى شورپىسى ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ قەدىمىي سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپنىڭ زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى بۈگۈنكى كۈندە ئىلمىي دەلىللەندى. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توخۇ گۆشى شورپىسىنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى بولۇپ، بۇرۇن يولىنى تازىلاپ، گالنىڭ ياللۇغدىن ئىشىشىپ قېلىشىنى ياخشىلايدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  سەككىزىنچى، ياڭاق ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنى كېچىكتۈرىدۇ. نيۇيورك ئىشتاتلىق يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش ئاساسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ياڭاق تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ئومىگا 3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئالجېمېر كېسىلىنىڭ قوزغىلىش تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈش رولى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  توققۇزىنچى، ئىرىمچىك ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ. بىر چىنە ئىرىمچىك سىزنى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا ئېرىشتۈرىدۇ، چۈنكى ئىرىمچىك تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى تىرىپتوفاننىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولى بار. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۇيقۇ فوندى جەمئىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تىرىپتوفان مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ ئاسان بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسىغا ئېرىشەلەيدىكەن، شۇڭا ئىرىمچىكنى پىرەنىك ياكى بولكا بىلەن بىللە يېگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئونىنچى، سۇلۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، قاندىكى ماينى سېرىيدۇ. سۇلۇ قىسقىرىش بېسىمى ۋە كېڭىيىش بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. سۇلۇ تەركىبىدىكى مول ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بەدەندىكى كۆپ مىقداردىكى «ناچار خولېستېرىن» نى سۈمۈرۈۋېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئون بىرىنچى، قارا شاكىلات يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شىۋېيتسارىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىندا «ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاكىلات يېگەندە بېسىم يېنىكلەپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، شاكىلاتنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبى يۈرەك ئاسرايدىكەن ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى