تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئابدۇسالام مەمتىمىن

  مەن ئادەتتىكى بىر پارتىيەلىك كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىكىمدە ئاپامنىڭ ئىدارىسىدە ئاپام بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان لى فامىلىلىك بىر ھەدىمىز بار بولۇپ، ئۇ ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئىدى، شۇڭا ئائىلىمىزدىكىلەر ھەمىشە تۇرمۇش، خىزمەتتە لى ھەدەگە كۆڭۈل بۆلەتتۇق ۋە ياردەم بېرەتتۇق، ئۇنىڭ بىر بالىسى بىزنىڭ ئۆيدە تۇغۇلغانىدى. ئاپامنىڭ ئىدارىدىكى خىزمەت ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، تەشكىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاپامنىڭ مائاشىنى ئۇدا ئىككى دەرىجە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان ئىكەن. ئاپام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىگە قوشۇپ بېرىلىدىغان ئىككى دەرىجە مائاشنىڭ بىر دەرىجىسىنى لى ھەدەمگە قوشۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. بىز ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق، مەن مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى قويۇق مۇھىتتا چوڭ بولدۇم.

  خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە، مەن ئادەتتىكى كادىردىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. مەن باشتىن – ئاخىر قەتئىي ھالدا شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يولباشچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى. گەپنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاپ ئېيتساق: پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتى چەكسىزدۇر، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇردۇر. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭدا بۈگۈنكىدەك غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئىتتىپاق – ئىناق كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلق بىللە ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرغان، گۈللەندۈرگەن جاي، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان – قېرىنداش ئەزالىرى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق يۇرت – ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. بىزنىڭ بىرلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزگە خاتىرجەم مۇھىت يارىتىپ بەرگەچكە، خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. سانسىزلىغان پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنىڭ كاپالىتى، تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەنبەسى، ئۇ بىزنىڭ تىرىشىپ ئاڭلىق قوغدىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە موھتاج. ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، ۋەتەننى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئورتاق بۇرچى. بىز چوقۇم مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان دۈشمەنلەرنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك. بىز ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋرگە كىردۇق، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتكە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەيمەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى