تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز

  جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رىۋېزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇرلان

    قەدىمدىن بۇيان چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت ئەمىن تېپىپ كەلگەن، چېگرا رايون قالايمىقان بولسا، دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قالغان. شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ـــ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، چوقۇم كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە ۋە كۈچ قوشقۇزۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر سىڭىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدىكى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىز چوقۇم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە، بولۇپمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، ئاۋۋال ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەنگە زەربە بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، مۇشتنى قاتتىق ئېتىپ، قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسىدىن تۈزەپ، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيەتتىن تۈزەپ، بارلىق ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولمىسا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولمايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا، بارلىق تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھەتتا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىمىز. شۇڭا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بارلىق دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز سۆزلەرنى قەتئىي قىلمايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلمايمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىللىق بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن، «ئۈچ بىلەن كارى بولماسلىق» مەسىلىسىنى قەتئىي توسۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەيمەن؛ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا ئىشنى پۇختا قىلىمەن، ھەرگىز ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالمايمەن. نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق ۋە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى قەتئىي ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئائىلە ئەزالىرىمنى تەربىيەلەيمەن ۋە ياخشى باشقۇرىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى