تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىنى بارلىققا كەلتۈردى

  مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

  8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ زاۋۇت سېخىدا، غايەت زور تىرانسفورموتور زاپچاسلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئىشچىلار رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىش››تا ئالدىدا ماڭغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگو ئىسىم كارتىسىنى يارىتىپ، دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىشتى.

  شىركەتنىڭ كەسپى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبەدىكى پار – ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمى 400 مېگاۋاتقا، يىللىق ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 4 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، بۇ، دۈشەنبە رايونىدىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قىشتىكى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئىسسىنىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ.

  تاجىكىستاننىڭ ‹‹تاغ دۆلىتى›› دېگەن نامى بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %93ى تاغلىق، ئېلېكتىر ئۇل ئەسلىھەسى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان.

  بۇنداق مۇھىتتا ئېلېكتىر تورى قۇرۇش دۇنيادا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى 18 ئايدىلا تاجىكىستان خەلقىگە تاجىكىستان بويىچە قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ئۆلچىمى خەلقئارا بويىچە ئىلغار، مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان زامانىۋى پار – ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىپ، تاجىكىستان پايتەختىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان قىشتىكى توك بىلەن تەمىنلەشكە چەك قويۇش ۋە ئسسىنىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، پايتەختنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى 2.3 ھەسسە ئاشۇردى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان قىرغىزىستان ‹‹داتكا – كېمىن 500 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى›› 2015 – يىلى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە پۈتۈپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇب – شىمال ئېلېكتىر چوڭ تومۇرىنى تۇتاشتۇردى، شۇڭا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە قىرغىزىستاننىڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى ــــ دانك ئوردېنىنى بەردى.

  بۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىش››ىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  خەلقئارالىشىش مۇساپىسىدە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توك يوللاش – بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەھسۇلاتنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭدا ياسالغان ئۈسكۈنىلەرنى جۇڭگودا ئىشلىتىشتىن دۇنيادا ئىشلىتىشكە يۈزلەندۈردى، ھازىر شىركەتنىڭ كەسپى دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى.

  20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يىرىك پىلانىغا قاتناشتى

  جۇڭگونىڭ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك يوللاش ئۆلچىمى خەلقئارا ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجسى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى سېتىش كىرىمىنىڭ %4ىنى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىشلەتتى. ھازىر ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى – سىرتى پاتېنتىغا ئىگە، 200گە يېقىن خەلقئارا، دۆلەت، ساھە ئۆلچىمىنى تۈزۈش(تۈزىتىش)كە قاتناشتى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دۆلەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە جەمئىي يەتتە قېتىم ئالاھىدە مۇكاپات، 1 – دەرىجىلىك مۇكاپات، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 200گە يېقىن ساھە ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دۆلەت ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 13نى قۇردى، 49 يېڭى مەھسۇلاتى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، دەپ ئېتىراپ قىلىندى.

  ھازىر ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى ۋە ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، قۇراشتۇرۇش، تەڭشەشتىن تەربىيەلەش، يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشقىچە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ‹‹ئاچقۇچ تاپشۇرۇش قۇرۇلۇشى›› ۋە سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، يۈرۈشلۈك تۈر قۇرۇلۇشلىرى جۇڭگونىڭ 5 مىليارد دوللارلىق ئىلغار ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىرون سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەقلىي ئەمگەكچىنى سىرتقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى››دىن ‹‹جۇڭگو ئىجادىيىتى››گە يۈزلىنىشتەك يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياساش ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

   كېنىيەدە، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹220 كىلوۋولتلۇق گاز ئىزولياتسىيەلىك تىرانسفورموتور ئىستانسىسى›› تۈرى كېنىيە پايتەختى نايروبىدا پۈتتۈرۈلدى، بۇ، نايروبى شەھەر رايونىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ؛

  پاكىستاندا، ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ــــ پاكىستان 100 مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى EPC ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش تۈرى پۈتتۈرۈلدى؛

  ھىندىستاندا، جۇڭگو – ھىندىستان ئېنېرگىيە سەر خىل جابدۇق سانائەت رايونى قۇرۇلدى، باڭلادىش بىلەن پايتەخت داككادا ئەقلىي ئېلېكتىر تورى قۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە قىممىتى 11 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان توختام ئىمزالاندى؛

  موڭغۇلىيەدە، بۇ دۆلەتنىڭ تۇنجى ئەڭ يۇقىرى توك بېسىم دەرىجىسىدىكى توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ــــ ئۇلانباتور – ماندالاي چۆللۈكى 330 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش – بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى؛

  ئافرىقىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 180 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان ئانگولا ئېلېكتىر تورى تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى، تانزانىيەدىكى 690 مىليون دوللارلىق ئېلېكتىر ئومۇمىي ھۆددە تۈرىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ، چاد، كامېرۇن، كونگو(كىنشاسا)، زامبىيە، بۇرۇندى قاتارلىق نەچچە ئون دۆلەت بىلەن تۈر توختامى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى...

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دۇنيا بويىچە مۇستەقىل كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى كېڭەيتتى، يېڭى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى سىرتقا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە جۇڭگو جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىلغار ئېلېكتىر ئۆلچىمىنى سىرتقا چىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى سىجىل قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى