كۆپىنچە كىشىلەر ياز پەسلىنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى يازدا يېنىك كېيىنىش، كەچلىك بازار ئايلىنىش، سۇ ئۈزۈش... دېگەنگە ئوخشاش ياز پەسلىگە خاس ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ماروژنىنىمۇ ياز پەسلىدە يېگەن ئەڭ مۇۋاپىق. يازدا ماروژنى يېگەندە كىشىگە سالقىنلىق، خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر بەخىش ئېتىدۇ. يازدا يەنە تورداشلارمۇ ئالاقە تورىغا تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىكىگە ئوخشاش ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل تەمدىكى ماروژنىلارنى چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندە ئاغزىڭىزغا سېرىق سۇ يىغىلىپ، ماروژنى يېگۈڭىز كەلگەن بولسا، ياز پەسلى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ماروژنىدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل يېمەكلىكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋېلىڭ.