تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

  جىلىن چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈش ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، جىلىن چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈش ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈردى، ھازىر دېلو ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەم كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

  يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: ۋاكسىنا خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا چېتىلىدۇ، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش بىخەتەرلىكىگە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ. بۇ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلار پايدا قوغلىشىپ قانۇننى بۇزغان، دۆلەتنىڭ دورا ئۆلچىمى ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، بىپەرۋالىق قىلغان، ئايرىم خىزمەتچى خادىملار خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، قائىدە – قانۇنغا ئېغىر خىلاپ ھالدا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش زور دېلوسى بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ، بۇ دېلو ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەل جايىدا بولماسلىق قاتارلىق كۆپلىگەن يوچۇقلارنى ئاشكارىلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان تۈزۈم نۇقسانلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئىبرەت قىلىپ، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ۋاكسىنا دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ئاسراش كېرەك.

    يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن – نىزام ۋە تۈزۈم – قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مەھسۇلات خەۋپ – خەتىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەۋپ – خەتىرى يۇقىرى، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان ۋاكسىنا دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىك تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش ئاساسىدا، ئاپپاراتلارنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا دورىلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ كەسىپلەشكەن، مەخسۇسلاشقان قوشۇنىنى تېزدىن قۇرۇش ۋە مۇنتىزملاشتۇرۇش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بەدەل تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، نام – مەنپەئەتنىڭ كەينىگە كىرىپ قائىدىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئاشۇ قانۇنسىز كارخانىلارغا، ئەخلاق ۋە ۋىجداننىڭ تۆۋەن چېكىگە تېگىشكە پېتىنغان ئاشۇ كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى ئېغىر جازالاپ، ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. ۋاكسىنا دورىسى قاتارلىق جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئۇلارغا زور سوممىلىق جەرىمانە قويۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆمۈر بويى چەكلەش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دورا بىخەتەرلىكىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. چاتىقى بار ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كېيىنكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنىنى داۋاملىق ئەملەش، تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆلەم خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ۋاكسىنا باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىن جىن يۈخۇي (جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 2017 – يىلى 4 – ئايدىن باشلاپ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان)نى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، لى جىنشيۇ (جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 2015 – يىلى 12 – ئايدىن 2017 – يىلى 4 – ئايغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان)نى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇشقا قوشۇلدى، ليۇ چاڭلۇڭ (چاڭچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى، 2016 – يىلى 9 – ئايدا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2016 – يىلى 10 – ئايدىن ھازىرغىچە چاڭچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن)، بى جىڭچۈەن (دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 2015 – يىلى 2 – ئايدىن 2018 – يىلى 3 – ئايغىچە سابىق دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن)نىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، جياڭ جىيىڭ (جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، 2012 – يىلى 3 – ئايدىن 2016 – يىلى 5 – ئايغىچە چاڭچۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن)، جياۋ خۇڭ (دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى)دىن ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ مەركەز باشقۇرمايدىغان 35 نەپەر كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋۇ جېن (سابىق دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دورىنى خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش، دورىنى خىمىيەلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان)نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى. يىغىن جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، دۆلەت دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا، گوۋۇيۈەنگە ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى.

   يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى