8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۆلدە كېمىلىك سەيلە قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇڭخۇ كۆلى جۇڭگودىكى 7-چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆلى بولۇپ، ئىلگىرى تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن سۇ سۈپىتى ناچارلىشىپ، سۇ جانلىقلىرى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 2016-يىلدىن باشلاپ، خۇڭخۇ كۆلى بېلىق بېقىشنى مەنئىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك بېلىق تۇتۇشنى چەكلەپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، خۇڭخۇ كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، كۆلنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى.
(شيۇڭ چى فوتوسى)