تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلار ھامىلە 4-7 ئايلىققىچە بولغان مەزگىلدە قانداق غىزالىنىشى كېرەك

    ھامىلىنىڭ 4-7 ئايلىق بولغاندىكى مېڭە يېتىلىش ئەھۋالى
    ھامىلە 4-5 ئايلىق بولغاندا، چوڭ مېڭىسى تېز سۈرئەتتە يېتىلىدۇ، ھامىلە 6~7 ئايلىق بولغاندا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ، بۇ ۋاقىت ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ تۇراقلىق مەزگىلى.
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، ھامىلىدارلار بۇ مەزگىلدە مۇزىكا ئارقىلىق ھامىلىنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئىلمىي ھامىلە تەربىيەلەش مۇزىكىسى چوڭ مېڭىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قىممىتىنى، نېرۋا ئۆسۈكچىلىرىنىڭ ئۇلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. چوڭ مېڭە يېتىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل بۆلۈمچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
    ھامىلىدارلار ھامىلە 4~7 ئايلىق بولغان مەزگىلدە ھەر كۈنى «مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك» لەرنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.

    بۇ مەزگىلدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار
    بىرىنچى، ھەر ھەپتىدە 2~3 قېتىم بېلىق يېيىش، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى چوقۇم دېڭىز بېلىقى بولۇشى كېرەك. بېلىق ھامىلىدارلارغا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە ھامىلىنىڭ مېڭىسى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان Omega-3 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئىككىنچى، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يېيىش. تۇخۇم سېرىقى لېتسىتىن (卵磷脂)، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2 نىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى.
    ئۈچىنچى، ھەر ھەپتىسى ئاز دېگەندە بىر قېتىم دېڭىز مەھسۇلاتى يېيىش. دېڭىز مەھسۇلاتى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يود يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    تۆتىنچى، ھەركۈنى 250 مىللىگرام سۈت ياكى ئوخشاش مىقداردا سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. كالتسىيدىن سىرت، ئاقسىل تولۇقلاشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
    بەشىنچى، ھەركۈنى قاتتىق پوستىلىق مېۋىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك بولغان ياغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى