تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا قانداق ئوزۇقلىنىش كېرەك؟

  بارلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام ھەم ئەقىللىق چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بالىنىڭ ساغلام ھەم ئەقىللىق بولۇشى ئېرسىيەت بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپلا قالماي يەنە ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدە قانداق ئوزۇقلىنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى.

  ھامىلىدارلىقنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  ھامىلىنىڭ 3-1 ئايلىق بولغاندىكى مېڭە يېتىلىش ئەھۋالى ھامىلىنىڭ بىر ئايلىق بولغان ۋاقتى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئەڭ كۆپ تەكرار بۆلۈنىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ھامىلىنىڭ مېڭىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولىدۇ. ھامىلىدارلار بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كېتەلمىگەچكە بۇ مەزگىلدە يېمەكلىككىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەرمەيدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 2-، 3-ئېيىدا، مېڭىنىڭ ھەر قايسى قىسمى، مەسىلەن ئۇزۇنچاق مېڭە قاتارلىق ئەزلار تەدرىجىي شەكىلگە كىرىدۇ، مېڭىنىڭ بۆلۈنىشىمۇ باشلىنىدۇ، چوڭ مېڭىدە ھەر مىنۇتىغا 100 مىڭلىغان نېۋرون شەكىللىنىدۇ. نېرۋا سىستېمىسى تەخمىنەن ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ.

  ئادەتتە بۇ مەزگىلدە ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا باشلايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ھامىلىدارلار ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما يېمەكلىكنىڭ تۈرىگە، تازىلىقىغا، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

   بۇ مەزگىلدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار

   بىرىنچى، ھامىلىدار بولغان مەزگىلدىن باشلاپ ھامىلە تۇغۇلغىچە ھەر كۈنى 400 مىكروگرام فولىك كىسلاتاسى (叶酸) تولۇقلاش كېرەك. ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرگەندىن باشلاپ فولىك كىسلاتا تولۇقلاش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىسىنىڭ غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىشى ۋە چوڭ مېڭىسىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسلەن، ھايۋانات جىگىرى، بۆرىكى (50-25 گىرامغىچە)، تۇخۇم، پۇرچاق، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

   ئىككىنچى، تەركىبىدە ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B12 مول يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ھامىلىدارلاردا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ. ئالامەتلەر ئېغىر بولسا تامىقى ئازلاپ فولىك كىسلاتا، سىنىك، يود قاتارلىق مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئۈچىنچى، دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش (ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكىمىسى) كېرەك. ھەر كۈنى 200 گىرامدىن كۆپرەك ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تاتلىق ياڭيۇ ۋە مېۋە يەپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى