تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ – چىققان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 6000 قېتىمدىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۈن شاۋشيۇڭ). مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ – چىققان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 6000 قېتىمدىن ئېشىپ، 6031 قېتىمغا يەتكەن.

  ئالاتاۋ پورتى شىنجاڭنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى بولۇپ، قازاقىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. 1990 – يىلى دۆلەت ئالاتاۋ پورتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، قازاقىستاننىڭ درۇژبا پورتى بىلەن تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئىككىنچى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى. 2011 – يىلى گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. ھازىر ھەر يىلى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۆلىتىمىز چېگراسىدىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي سانىنىڭ %70ىگە يېقىنلاشتى.

  ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كەسپىدە مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرىش يولغا قويۇلدى ھەم ‹‹كۈندۈز+ كېچە›› نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، كېچىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان نۆۋەتچى پويىز نىسبىتى %63كە يەتتى. ھازىر جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ ئالاتاۋ پورتىدا توختاش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 23 سائەت 30 مىنۇتتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 سائەت 46 مىنۇتقا قىسقاردى.

  مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ شەھىرى پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018 – يىلى 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1328 قېتىمغا، يۈك 577 مىڭ 600 توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%32.4 ۋە % 55.9 ئاشقان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ تاموژنىسى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ جەمئىي ئون لىنىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان، نۆۋەتچى پويىز ياۋروپادىكى 13 دۆلەت، 36 شەھەرگىچە بارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى