تىيانشان تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جاڭ پېيچى، سۈن شىخۇڭ خەۋىرى: چۆچەك شەھىرى دۇبىك كوچا باشقارمىسى باغچە مەھەللە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى، چۆچەك شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باغچە مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنى باغچە مەھەللە كومىتېتىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ قەلبداش بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پائالىيەت «گۈزەل تارباغاتاي» ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى، تارباغاتاينىڭ بۇ يەرلىك ناخشىسىنى تەۋەلىكتىكى 77 ياشلىق ئاھالە چياۋ گۈەنجۈن ئېيتقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا ئاھالىلەر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نومۇر ئورۇنداپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.