8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى شىنجاڭدىكى ئۆلكە تاشيولى 318-لىنىيەسى تارباغاتاي ۋىلايىتى بۆلىكىدىكى لىنىيەنى بويلىغان گۈزەل مەنزىرە
جۇڭگو گېزىتى تورى خەۋىرى. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدەك خەتەرلىك ھەم «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرۈش» كە ئوخشاش ئاجايىپ مۆجىزىلەرگە تولغان، «ھالاكەت دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتكەن» تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولىدەك ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولمىسىمۇ، شىنجاڭدىكى ئۆلكە تاشيولى 318-لىنىيەسى بويلىغان گۈزەل مەنزىرىلەر يەنىلا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ.
شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بېيتۈن شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىگىچە سوزۇلغان ئۆلكە تاشيولى 318-لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 410 كىلومېتىر كېلىدۇ. يول بويى چۆل-جەزىرە، يايلاق مەنزىرىلىرى توختىماي ئالمىشىپ تۇرىدۇ، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە، يايلاققا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ ئوتلاپ يۈرگەن پادىلار سىزگە تەبىئەتنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ . (جۇ لىڭچىڭ فوتوسى)