جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى نېلۇپەر گۈللىرى.
ئۆز خەۋىرىمىز. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى 300 مو كۆلەمدىكى نېلۇپەر گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، باش كۈزنىڭ مەيىن شامىلىدا لەرزان ئېرغاڭلىدى. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ گۈزەل مەنزىرە تىيانشان ئېتىكىدە نامايان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى نېلۇپەر سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.
(ۋاڭ نا، يۈي ليۇدۇڭ فوتوسى)