تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاراماي پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى «يۇقىرى پەن-تېخنىكا» ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

      8-ئاينىڭ 15-كۈنى «يېڭى دەۋر · بەختىيار، گۈزەل، يېڭى چېگرا رايون» سەپىرى مۇخبىرلىرى قاراماي پەن-تېخنىكا سارىيىغا كېلىپ، بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  ئۆز خەۋىرىمىز: VR كۆزەينىكىنى تاقاپ، مەۋھۇم رېئال دۇنيادا ساياھەت قىلىش، پىشاڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، بىر تال ئارغامچا بىلەن ئاپتوموبىلنى سۆرەش...

  8-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ قاراماي پەن-تېخنىكا سارىيىدا بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە مەھسۇلاتلىرى ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە «يېڭى دەۋر · بەختىيار، گۈزەل، يېڭى چېگرا رايون» تور پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكى مۇخبىرلارنى جەلپ قىلدى.

  شۇ كۈنى پەن-تېخنىكا سارىيى چۈشەندۈرگۈچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «يېڭى دەۋر · بەختىيار، گۈزەل، يېڭى چېگرا رايون» تور پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكى پۈتكۈل زىيارەت جەريانىدا پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ئاۋاز، نۇر، ئېلېكتىر، ماگنىت، كۈچ ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق پەن-تېخنىكا پرىنسىپلىرىدىن ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى سىناپ كۆردى.

  ھېس قىلىش ئويۇنىدىن باشقا، پەن-تېخنىكا سارىيىدا قاراماينىڭ نېفىت شەھىرى ئالاھىدىلىكى ۋە شەھەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى بۆلىكى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قاراماي پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 61 مىڭ كىۋادرات مېتىر ، ئېگىزلىكى 42 مېتىر بولۇپ، بۇ سارايدا قاراماينىڭ نېفىت شەھىرى ئالاھىدىلىكى ۋە شەھەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «پەن-تېخنىكا ھەققىدە ئىزدىنىش چۈشى»، «نېفىت كەسپى تەرەققىيات چۈشى»، «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نېفىت شەھىرى قۇرۇش چۈشى» نى ھېس قىلىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، «پەن-تېخنىكا ھەققىدە ئىزدىنىش زالى»، «نېفىت پەن-تېخنىكا زالى»، «شەھەر يىرىك پىلانى زالى» قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمە زالى ۋە بىر ئالاھىدە كۆرگەزمە زالى، ئاسمان كىنوخانىسى، 4D كىنوخانىسى، ئىككى ئورۇندۇقلۇق ئالاھىدە ئۈنۈملۈك كىنوخانا تەسىس قىلىنغان. جەمئىي 13 كۆرگەزمە رايونى، 490 كۆرگەزمە مەھسۇلاتى بار بولۇپ، قاراماينىڭ نېفىت شەھىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە شەھەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىر گەۋدە قىلىنغان. نۆۋەتتە، پەن-تېخنىكا سارىيى قاراماينىڭ ساياھەت ئىستىراھەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتىغا، سىرتقا نامايان قىلىدىغان يېڭى ئىسىم كارتىسى ۋە يېڭى بەلگىسىگە ئايلاندى.

مۇخبىر ئويۇن ئوينىماقتا.

مۇخبىر ئويۇن ئوينىماقتا.

ساياھەتچىلەر ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

ساياھەتچى پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى سىناپ كۆرمەكتە.

ساياھەتچى پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى سىناپ كۆرمەكتە.

بىر بالا تەقلىدىي يەر تەۋرەش سىنىقىنى ھېس قىلماقتا.

ساياھەتچىلەر ماشىنا ئادەم بىلەن شاھمات ئوينىماقتا.

بىر بالا پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى سىناپ كۆرمەكتە.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۈسكۈنىلەر

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنا ئادەملەر

كۆرگەزمىگە قويۇلغان نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى