تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئەرزىيەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پەرھات مەمتىمىن

  پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پەقەت ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىغاندىلا، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىگەندىلا، بىر – بىرىگە تايىنىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ قوغدىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدىغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەن قەتئىي ھالدا باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە تېخىمۇ سەگەك، سىياسىيدا تېخىمۇ سەزگۈر، مەيداندا تېخىمۇ قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە قوماندانلىققا بويسۇنىمەن، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھايات – ماماتلىق، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە باشتىن – ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تونۇشۇم بىردەك، ئىچىم بىلەن تېشىم بىردەك، پوزىتسىيەم كەسكىن، قەدىمىم بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەممە كىشى قەدىرلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىدىن ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىمنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىدا بولىمەن. مەن دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكىمنى چېنىقتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىققا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ئاڭ، زامانىۋى قاراش ۋە زامانىۋى تۈزۈمنى تارقىتىپ، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تەرغىب قىلغان بىمەنە سەپسەتىلەرگە باتۇرلۇق بىلەن زەربە بېرىپ، ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى