تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  لى كېچياڭ باش ۋەزىر خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش ۋەزىر خۇن سېن باشچىلىقىدىكى كامبودژا پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە كامبودژانىڭ سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولغانلىقىنى، ئىقتىسادىنىڭ تېز يۈكسەلگەنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ تېز ئۆسكەنلىكىنى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشتا خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇق، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى كامبودژا خەلقىنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، كامبودژا دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقىنىڭ بەختى، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى پارتىيە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، دۆلىتىڭلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغدىشى، تەرەققىياتنى تېزلىتىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ. بىز كامبودژا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.