تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى 700دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ

  ئۆز خەۋىرىمىز. مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 700دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 61 كارخانا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانا ئىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە مىكروسوفت، دېل پەن – تېخنىكا شىركىتى، چياڭشېڭ، كەتىرپىللىر شىركىتى، خونېيۋېل خەلقئارا شىركىتى، خۇاۋېي، جىڭدۇڭ، جۇڭليەن جۇڭكې قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كارخانا جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىدۇ.

  8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئادىلجان داۋۇت مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ سانى، كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئىلگىرىكى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئۈستۈن بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقى، كۇرسلۇق مەھسۇلات سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۇنيادىكى ئىلغار ۋە ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا مەركەزلىك تەكلىپ قىلىش 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە چاقىرىش خىزمىتىنىڭ ‹‹سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، كۆرگەزمىنى ئېسىل قىلىشى››نىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەن.

  ئادىلجان داۋۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە چاقىرىش خىزمىتىدە نوقۇل كارخانىلارنىڭ سانىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن سودىگەر چاقىرىش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى كارخانىلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق.

  بۇ يىل، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى قاتارلىق كارخانىلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، بۇ كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىشى››غا ياردەم بەرمەكچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى