تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

  چېن چۈەنگو، جاڭ خەيدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7-قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 6 – نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشمەكتە.
 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي، مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى 6 – نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق مېيىپلەردىن، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مېيىپلەر ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق مېيىپلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىگە تايىنىپ، تۇرمۇشتىكى خىرىسلارغا دادىل يۈزلىنىپ، قەتئىي ھالدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق مېيىپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي ئالغا بېسىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ خەيدى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مېيىپلەر ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەرنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تېزلىتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بارلىق ئاماللار بىلەن مېيىپلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، بەختىنى كۆزلىگەچكە، مېيىپلەر ئىشلىرىدا ھەر جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلەر بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىل بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، جان – دىل بىلەن مېيىپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر قاتنىشىشى ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېيىپ ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللارنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىگە تايىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىدا تارىخىي قەدەم بېسىلىپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، مېيىپلەر خىزمىتى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق مېيىپلەر پائال ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، باش تارتىپ بولمايدىغان بۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىيات داۋامىدا كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر بىر مېيىپنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن داۋاملىق بەھرىلەندۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، ‹‹مېيىپلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش›› مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى تىرىشىىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئەۋەتتى.

  قۇرۇلتايدا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 6 – نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7 – نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ پەخرىي رەئىسىلىكىگە سايلاندى، سارقىت ئاقان، گۈلشاد ئابدۇقادىر، ئىلھام سابىر پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە سايلاندى، جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7 – نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى، جاڭ خەييەن ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى، قۇرۇلتايدا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىن جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 7 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، گۈلشاد ئابدۇقادىر، جەرۇللا ھېسامىدىن، ئىلھام سابىر يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە ئايرىم – ئايرىم قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.