ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى. ئېگىزدىن تۆۋەنگە قارىغاندا، 100 چاقىرىم كېلىدىغان نېفىت رايونىدىكى 1000دىن ئارتۇق كاچالكا چۆللەرنى زىننەتلەپ، شاھمات تاختىسىدىكى چېچىلىپ تۇرغان ئۇرۇقلارغا ئوخشاپ قالغانىدى، ئەيرىك كۆلى يېشىل ياقۇتتەك چۆللۈكتە جىلۋە قىلىپ تۇراتتى... شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەن ماۋ خانىم 8-ئاينىڭ 13-كۈنى قارامايدا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتىدىكى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆردى.
ساياھەتچىلەر ھاۋا بوشلۇقىدا ئورقۇ ئالۋاستى شەھىرىنىڭ ئالاھىدە يەر شەكلىنى كۆرەلەيدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ رۇي فوتوسى)
تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى دېگىنىمىز، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ساياھىتى بولۇپ، ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان ۋېرتىكال دائىرىدىكى تۆۋەن بوشلۇق دائىرىسىدە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورتى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق ئۇچقۇ، شۇڭغۇما پاراشوت، ئىسسىق ھاۋا شارى قاتارلىق ئۇچۇش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ قانات يايدۇرۇلىدىغان سەيلە-ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئۇچۇپ ساياھەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى تۇنجى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت لىنىيەسى (كۆكتوقاي-قاناس) دە تۇنجى ئۇچۇش باشلانغان. 2015-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى جەمئىيەتكە نۇقتىلىق ساياھەت قىلىدىغان 100 تۈرنى ئېلان قىلدى، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىشمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. ئارقىدىن، شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىخەنزە-نارات، قاراماي-بورتالا، قاراماي-شەيتانكەرىش تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلدى.