تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى بىلەن گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاپ، نامرات ئاھالىلەر ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىگە زور تۆھپە قوشتى. ‹‹شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر››نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ‹‹شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› جەمئىي سەككىز مەخسۇس تېمىدىن تەركىب تاپقان: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش؛ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ سېلىنمىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىش؛ جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛ قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش؛ قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. كىتابقا 242 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ 2012 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2018 – يىلى 6 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدە قىلغان سۆزى، دوكلاتى، نۇتقى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 60 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججىتىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن بايان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.