شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باندۇڭ، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى: ئاسىيا تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئېلىمىز ئەرلەر U23 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 0گە قارشى 6 نەتىجىدە شەرقىي تىمور كوماندىسىنى يەڭدى.
ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ باشلىقى خې چاۋ مۇسابىقىدە مەسىلىلەرنى بايقىغانلىقىنى، بۇنى دەل ۋاقتىدا تۈزەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقە، ھەممىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز جۇشقۇن، گەرچە مۇسابىقىدە يەڭگەن بولساقمۇ، بىراق بۇ مەسىلە بايقالمىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىز مۇسابىقىدىن تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىشىمىز كېرەك، پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن كېلەركى مەيدان مۇسابىقىنى ئەستايىدىل ئوينىشىمىز كېرەك، بىر كۈن توختاپ بىر كۈن مۇسابىقە ئوينايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بەدىنىمىز كۆپ ئېنىرگىيەلەرنى سەرپ قىلىدىكەن».
ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ كېلەركى مەيدان مۇسابىقىسى 16-چېسىلا سۈرىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسى 19-چېسىلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئېلىمىز ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 1994-يىلى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچىلىكى ھېسابلىنىدۇ.