ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 8-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدا تاموژنا تەكشۈرۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرىكتۈرۈپ تۈر ئىلتىماسى قىلىش رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش بىلەن تاموژنا تەكشۈرۈشىگە بىر قېتىمدىلا ئىلتىماس قىلىپ، بىر تالون ئارقىلىقلا تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرۇش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى بىلەن تاموژنا تەكشۈرۈشى تالونى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر تالون قىلىنغاندىن بۇيان، 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا سودا يەككە كۆزنەك يېڭى سىستېمىسى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا بىرلەشتۈرۈپ مەلۇم قىلىنغان 11960 يېڭى تالوننى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بىرىكتۈرۈپ ئىلتىماس قىلىشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %99.90 (ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئەسلىدىكى تۈزۈم بويىچە تاموزنىدىن ئۆتكەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گە يەتكەن؛ ئەڭ ئاخىرىدا %100 تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.