شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 13-نۆۋەتلىك خەنزۇ تىلى ياشلار فىلىم مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياش رېژىسسورلارنىڭ 42 يېڭى ئەسىرى بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ فىلىم كۆرگەزمىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئارىسىدىكى «كەلگۈسىدىن ئۆتۈش»، «ھايۋاناتلار دۇنياسى» قاتارلىق فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشچە، فىلىم كۆرگەزمىسى خەنزۇ تىلى ياشلار فىلىم مۇنبىرىدىكى ئاساسلىق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن، بۇ پائالىيەت خەنزۇ تىلى كىنوچىلىقىدا يېڭى ئىختىساسلىقلارنى قېزىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىدىغان سۇپا تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان، 5-ئايدا فىلىم توپلاش خىزمىتى باشلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن خەنزۇ تىلىدىكى نەچچە يۈز فىلىم قوبۇل قىلىنغان.