تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

داۋانچىڭ سىزنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھەقسىز گۈل چېيى ئۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: داۋانچىڭ رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك گۈل چاي مەدەنىيتى ساياھەت بايرىمى ۋە يېمەك-ئىچمەك بايرىمى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى شىگوۋ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، شەھەر ئاممىسى گۈل چاي ئۆستۈرۈش بازىسىدىن ھەقسىز گۈل چاي ئۈزۈۋالسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى داۋانچىڭ رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك گۈل چاي مەدەنىيتى ساياھەت بايرىمى ۋە يېمەك-ئىچمەك بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك گۈل چاي بايرىمى «قارلىق چوققا، قار سۈيى، تاغ گۈلى» باش تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، گۈل چاي مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، گۈل چاي سەنئىتى كۆرگەزمىسى، فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسى، ھۆسىنخەت يېزىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، ھەقسىز گۈل چېيى ئۈزۈش، يېمەك-ئىچمەك مۇسابىقىسى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات كۆرگەزمىسى، ئەركىن بېلىق تۇتۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى