تىيانشان تورى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن جېن خەۋىرى. «ئوغۇتقا ئېھتىياجىمىز چۈشۈپ تۇرغاندا كەنتتىن بىزگە ئوغۇت تارقىتىپ بەردى، بۇنى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى ھەدىيە قىلغان ئىكەن، دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋالدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن خۇرسەنمىز» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەنت ئاھالىلىرى شۇنداق دېيىشكەچ، ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن خىمىيەۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
شۇ كۈنى ئۆر شۆلىت يېزىلىق پارتكوم ۋە تولى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن 110 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت يېزىدىكى سەككىز دېھقانچىلىق كەنتىدىكى 1240 ئائىلىلىكنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يېزىدا كۆممىقوناق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئاساس سېلىندى.
قۇم تۆبە كەنتىدىكى چېن گۈيجۇڭ مەمنۇن بولغان ھالدا: «بىز بىر ئائىلىلىككە جەمئىي بەش خالتا ئوغۇت تارقىتىپ بېرىلدى، بىر خالتىسىنىڭ باھاسى 92 يۈەن ئەتراپىدا، بۇنىڭ بىلەن 500 يۈەنگە يېقىن پۇلىمىز تېجىلىپ قالدى، ھازىر دەل ئوغۇت كېرەك بولىدىغان ۋاقىت، ئوغۇتلار بىزگە دەل ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىلدى» دېدى.