تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرالايدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 8-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭلىقلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا شىنجاڭ باج ئىشلىرى يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى توردا ئاپتوماتىك تاپشۇرالايدۇ، پۈتكۈل جەريانغا پەقەت ئىككى مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا تور باج ئىدارىسىدا باج ئىشلىرىنى بېجىرىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ «ئىشىكتىن چىقماي تۇرۇپ» يەتتە خىل 182 تۈرلۈك باجغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشى ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، باجغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشتە «چوڭ خېرىدار» لارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەسپى «پۈتكۈل جەرياننى توردا بېجىرىش» تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى توردا بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، 3786 باج تاپشۇرغۇچى شىنجاڭ باج ئىشلىرى يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق، ئاپتوموبىل بېجى تاپشۇرۇش قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى تاپشۇرىدىغانلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىل بېجى كەسپى مىقدارىنىڭ %20.13 ىنى ئىگىلىدى. 2017-يىلى پۈتكۈل بىر يىلدا شىنجاڭدا 455 مىڭ يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرۇلدى.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج يىغىشنى باشقۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېن گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ باج سىستېمىسىدىكىلەر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنالىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېڭىلانغاندىن كېيىن باج تاپشۇرغۇچى يانفونىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولغان ئىككىلىك كود ئارقىلىق، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنالىدا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، قەغەز نۇسخىدىكى باج ئىسپاتىنى ئۆز ئالدىغا بېسىپ چىقىرالايدىكەن. باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئاپتوموبىل بېجى تاپشۇرۇش جەريانىغا ئۈچ مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى