تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

سىز راستىنلا ئەتىر تاللاشنى بىلەمسىز

  ھەر بىر خىل ئەتىرنىڭ باشقا ئەتىرلەرگە ئوخشىمايدىغان سېتىش نۇقتىسى بولىدۇ، مەسىلەن: چىرايلىق بوتۇلكىلىق، داڭلىق ماركىلىق، دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى سىرتقى ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. ئەتىر تاللاشتا ئۇنىڭ خۇش ھىدى بىزنىڭ ئەتىر سېتىۋېلىشىمىزدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەك. خۇش ھىدى بولمىغان ئەتىرنى ھەقىقىي ئەتىر دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇنداقتا سىز «گۈل ھىدى» ۋە «مېۋە ھىدى»نىڭ پەرقىنى بىلەلەمسىز؟ ئەتىرنىڭ ئاساسلىق ھىدى ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن بىز ئاساسلىقى ئالتە خىل ھىدنى تونۇشتۇرىمىز:

  گۈل ھىدى: گۈل ھىدلىق ئەتىرلەر كىشىگە خۇددى گۈللەر ئارىسىدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەتىر ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. يەنى، ساپ گۈل ھىدى، ئارىلاشما گۈل ھىدى ۋە ئالكوگوللۇق گۈل ھىدى.

  ئاپلېسىن ھىدى: ئاپلېسىن ھىدى لىمون، ئاپلېسىن، بەرغۇمۇت قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تاتلىق ھىدىدىن تەركىب تاپقان خۇشپۇراق بولۇپ، ساپ پۇرىقى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ، بۇ خىل خۇشپۇراقنىڭ پارلىنىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەززىلىك پۇرىقى قىسقا مەزگىللىك بولىدۇ.

  يېشىللىق ھىدى: يېشىللىق ھىدى دەرەخ يوپۇرمىقى ياكى ياۋا ئوتنىڭ پۇرىقىدۇر. ئەگەر سىز تەبىئەتنىڭ پۇرىقىنى ياخشى كۆرسىڭىز، يېشىللىق ھىدلىق ئەتىرلەرنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىسىز.

     ئاپلېسىن قوغىجاي ھىدى: ئاپلېسىن قوغىجاي ھىدى دېگىنىمىز، دۇب دەرىخىنىڭ قىرتاق پۇرىقىنى ئاساس قىلغان پۇراققا بەرغەمۇت، ئاپلېسىن، قىزىلگۈل، يەسىمەن ھىدىنى ئارىلاشتۇرۇپ، دەرەخنىڭ خۇشپۇرىقى ۋە ئىپار قوشقان ھىدنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھىد كەمتەر، پىشقان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر ۋە لاتاپەتلىك ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

  شەرق ھىدى: شەرق ھىدى دەرەخ يوپۇرمىقى، دەرەخ يىلىمى، ئىپار قاتارلىق خۇشپۇراق ماتېرىياللار ئارقىلىق تەڭشەلگەن ئەتىر بولۇپ، ناھايىتى جەزىبىلىك ئەتىردۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى