تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق زەربە بېرىمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاپ . چياۋلونبات

  شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پەقەت ھەر مىللەت خەلق قان قېرىنداشتەك ئۆتۈپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولالايمىز؛ پەقەت ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدەك كۈچلۈك يۆلەنچۈككە تايىنىدىغانلا بولساق، يۇرت – ماكانىمىز خاتىرجەم، ئىناق بولىدۇ، تۇرمۇشىمىز تىنچ، بەختلىك ئۆتىدۇ.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، قانلىق زوراۋانلىق – تېررورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە تەھدىت سېلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق  ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. بىز ئىناق ئىجتىمائىي تەرتىپىمىزگە، خاتىرجەم، ئىتتىپاق جەمئىيەت ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويمايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، ئاجايىپ زور قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. پەقەت ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ھېچقانداق يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمايدۇ.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق تەربىيەسىنى مەردانىلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەيمەن.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان تونۇشۇم ۋە ھەرىكىتىمنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەتئىي زەربىدارلاردىن، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئۆزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىپ ۋە ئاشكارىلاپ، ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تىغمۇ تىغ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ھىمايىچىسى بولىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى ھەر بىر قەدىمىم، ھەر بىر باسقۇچۇمنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۇرى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن چىن دىلىمدىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشۇمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمەن، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلايمەن.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، مەن تېخىمۇ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشى، سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن؛ باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قىلچە رەھىم قىلماي زەربە بېرىمەن، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك قول، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى ۋە كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، پۇختا ئىستىل، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى